باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس 21 مىليوندىن، دائىم تۇرۇشلۇق ئاقما نوپۇس 8 مىليون 200 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتتى

2014.01.24 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە «2013-يىللىق پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي يۈرۈشۈش ئەھۋالى» ئېلان قىلىندى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن شەھەرنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 21 مىليون 148 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكىگە قارىغاندا 455 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، %2.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقىدىن 0.3 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە، دائىم تۇرۇشلۇق ئاقما نوپۇسنىڭ سانى 8 مىليون 270 مىڭ بولغان.

  دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 2013-يىلى بېيجىڭ شەھىرى رايونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 19 تىرلىيون 50 مىليارد 60 مىليون يۈەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقىدىن %7.7 ئېشىپ، ئېشىش ئامپلىتۇدىسى بۇلتۇرقى بلەن ئوخشاش دېيەرلىك بولغان. دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس بويىچە ھېسابلىغاندا، پۈتۈن شەھەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 93 مىڭ 213 يۈەنگە، يىللىق ئوتتۇرىچە پېرېۋوتقا سۇندۇرغاندا 15 مىڭ 52 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر