باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سوتىپ ۋە يىڭلۇك بىر-بىرىگە يول قويسا ئاندىن ۋەزىيەت ياخشىلىنىدۇ

2014.01.26 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 21-يانۋار كەچ سائەت 6دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تايلاند قارانچى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سۇراپوڭ 22-يانۋاردىن باشلاپ پايتەخت باڭكوك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا جىددىي ھالەت قانۇنىنى 60 كۈن يولغا قويىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز جاكارلىدى. سۇراپوڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدە، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش سەۋەبلىك يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزدى، شۇڭا ھۆكۈمەت جىددىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  ھۆكۈمەت جىددىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويۇشنى جاكارلىغاندىن كېيىنمۇ نامايىشلار ئازايمىدى، لېكىن نۇتۇق سەھنىسىدىكى ھەرىكەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، ئېكرانلاردىن ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويۇشنى جاكارلىغانلىقى توغرىسدىكى خەۋەرلەرنى كۆردى. نامايىشچىلارنىڭ رەھبىرى ساتىپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ۋەزىيەت قالايمىقانلىشىپ جىددىي ھالەت قانۇنى يۈرگۈزۈدىغان باسقۇچقا بارمىدى، نامايىشچىلار داۋاملىق قارشىلىق بىلدۈرىدۇ، ھەمدە نامايىش كۆلۈمىنى كېڭەيتىشى مۇمكىن، كېلەركى قەدەمدىكى ھەرىكەت نامايىشىلارنىڭ رەھبەرلىرى كوللىكتىپ يىغىن ئاچقاندىن كېيىن ئاندىن بېكىتىلىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن نامايىشچىلارنىڭ رەھبىرى سوتىپ نۇتۇق سۆزلەپ، بىز جىددىي ھالەت قانۇنىدىن قورقۇپ قالمايمىز، بىز داۋاملىق كۆرەش قىلىمىز، تاكسىن كۈچلىرىنى غەلبە قىلماي تۇرۇپ ھەرگىز قايتمايمىز، دېدى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، سايلامغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى ۋەزىيەت شۇنچە خەتەرلىك بولىدىكەن، پارتلاش مۇمكىنچىلىقى بولغان توقۇنۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تايلاندە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم جىددىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويۇشنى مۇزاكىرە قىلغان، بۇ قانۇندا قانۇن ئىجرا قىلغۇچىغا تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىلگەن، بۇ 5 ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن يىغىلىشلارنى چەكلەش، تاراتقۇلارنى ئىشتىن توختىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇندىن ئىلگىرى، دۆلەتلىك بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى پالادوڭ: يېقىنقى مەزگىلدە توختىماي يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆكۈمەت جىددىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويۇشنى قاتتىق ئەستايدىل ئويلىشىۋاتىدۇ، دېگەن ئىدى.

  تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويۇشنى تۇيۇقسىز جاكارلىشى باڭكوكنى يەنە جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە جىددىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويۇشنى جاكارلاشتىن بۇرۇن، باڭكوكتا ھەر كۈنى نامايىشچىلارنىڭ لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇراتتى. تايلاند سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 26-دېكابىردىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 267 ئادەم يارىلانغان، 4 ئادەم قازا قىلغان. ئۆلۈم يېتىمدىن باشقا، نامايىش ھەرىكەتلىرى تايلاندنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن، تايلاند مالىيە ئىقتىساد ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سوڭسەي، ۋەزىيەتنىڭ قالايمىقانلىشىشى سىرتتىكىلەرنىڭ تايلاند ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىگە زەربە بولدى، بۇ ئىستېمال، سودا ۋە ئىشلەپ چىقىرىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە تەسىر كۆرستىدۇ، 2014-يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئىشىش نىسبىتى %3.5تىن %4كىچە بولىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن، ھازىر بۇنى %3.1كە تەڭشىدۇق، ئەگەر نامايىش داۋاملىشىۋەرسە، ئېشىش نىسبىتى %3تىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، دېدى.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، تايلاند ئارمىيەسى جىددىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويۇشنى ئانچە قوللىمايدىكەن. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى بايۈ 20-يانۋار، ھازىر زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى جىددىي ھالەت قانۇنىنى چوقۇم يولغا قويۇدىغان باسقۇچقا تەرەققىي قىلمىدى، دېدى.

  جىددىي ھالەت قانۇنىنى يولغا قويۇش مەلۇم دەرىجىدە باڭكوكتىكى نامايىش ھەرىكەتلىرىنى چەكلىسىمۇ، لېكىن ئۆكتىچىلەرنىڭ تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان جەنۇبىي رايوندا 20-يانۋاردىن باشلاپ يەنە نامايىش بولدى، ھەمدە شۇ يەردىكى ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن تارماقلىرى ئىشغال قىلىندى، قارىغاندا باڭكوكنى ئىشغال قىلىش مەملىكەتنى ئىشغال قىلىشقا تەرەققىي قىلدىغاندەك قىلىدۇ. يېڭلۇك ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى تېخىمۇ ئاغرىتقىنى بىر قىسىم دېھقانلار ھۆكۈمەت گۈرۈچ پۇلىنى نىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلغان، بەزىلەر يەنە سوتېپنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 21-يانۋار، تايلاند شال تېرىغۇچى دېھقانلار جەمئىيىتى ئادۋوكات جەمئىيىتىگە ھۆكۈمەتنى ئەرز قىلىشنى ھاۋالە قىلىپ، نىسى قىلغان پۇلنى بېرىش ياكى گۈرۈچنى قايتۇرۇشنى ھەمدە نەچچە ئايدىكى ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئەگەر ۋەزىيەت داۋاملىق ناچارلاشسا، ھەربىي ئۆزگىرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن. تايلاند راڭسىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋىتاياگۇڭ مۇنداق دېدى: سوتىپ ۋە يىڭلۇكنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قوللىغۇچلىرى بار، ئۇلار نەچچە ئاي ئېتىشقان بولسىمۇ لېكىن بىر-بىرىنى يېڭەلمىدى، ئەگەر بۇ ئىش داۋاملاشسا، دۆلەت زىيان تارتىدۇ، ئامما تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھازىر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە يول قويسا ئاندىن ۋەزىيەت ياخشىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر