باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشى داۋالاش دورا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈچۈن 28 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى

2014.01.27 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن 28 مىليارد 460 مىليون يۈەن چىقىم قىلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليارد 140 مىليون يۈەن كۆپ بولۇپ %12.4 ئېشىپ، داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مالىيە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىندى.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش مەبلىغىنى ئاساسلىقى ئاساسى داۋالىنىش كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى، ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش تەمىنات سىستېمىسى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىشلەتتى، ئۆتكەن يىلى مالىيەدىن 16 مىليارد 640 مىليون يۈەن ئاجىرىتىلىپ، ئاساسىي داۋالىنىش كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھۆكۈمەت تولۇقلىما مەبلىغى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 280 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، 45 مىليوندىن ئارتۇق شەھەر يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئاساسىي داۋالىنىش كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.

  ئۇنىڭدىن باشقا گۇاڭشى يەنە ئاساسىي داۋالىنىش ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن 2 مىليارد 830 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاممىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاش دورا تەمىنات كاپالەت سىستېمىسى ۋە داۋالىنىش ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر