باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە 24-يانۋار يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسى پاش بولدى

2014.01.27 09:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ 48 سائەت رازۋېدكا قىلىشى ئارقىسىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە 24-يانۋار يۈز بەرگەن زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلوسى پاش قىلىنغان. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، توقسۇ ناھىيەسىدە 24-يانۋار يۈز بەرگەن پارتىلىتىش دېلوسىنىڭ تەشكىللىك، ئالدىن پىلانلانغان زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن بۇيان، ئىبراھىم قاھار باشقىلارنى توپلاپ قانۇنسىز دىنى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، دىنى ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، ئۆزى باشچىلىقىدىكى 17 كىشىلىك زوراۋانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇلار ئىجارىگە ئالغان ئۆي ئىچىدە پارتلاتقۇچ ياسىغان. 24-يانۋار، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى پارتلاتقۇچنى ئېلىپ، ئۈچ موتسىكلىتقا ئولتۇرۇپ، دېلو سادىر بولغان يەرگە زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشقا بارغان.

  دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرھال ساقچى چىقىرىپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغان. ھەر مىللەت ئاممىسى پائال يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، دېلو تېز پاش بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر