باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئارگېنتىنا «چېگرا سىرتىدا توردا سېتىۋېلىش بېجى» يىغىدۇ(1)

2014.01.26 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئارگېنتىنا فىدىراتسىيەسى ئاممىۋى كىرىم ئىدارىسى تاشقى پېرېۋوتنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،21-يانۋاردىن باشلاپ ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىن توردا سېتىۋېلىشىغا قاتتىق چەكلىمە قويۇش سىياسىتىنى چىقىرىپ، ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىن توردا سېتىۋالغان ھەر بىر تاۋارنى تاموژنىغا رەسمىي ئىلتىماس قىلىشىنى بەلگىلىدى؛ شەخس ھەر يىلى توردا سېتىۋالغان نورما 25 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتسە، %50 لىك ئالاھىدە ئىمپورت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك. سىياسەتنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، ئارگېنتىنادا توردا تاۋار سېتىۋالغۇچىلار ئالدى بىلەن باج ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە باج تاپشۇرۇش ئىلتىماسى سۇنغاندىن كېيىن ۋە باجنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن باج تاپشۇرغان تالون ئارقىلىق تاموژنا ياكى پوچتىدىن مال ئالالايدۇ.

  بۇ ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ تاشقى پىرىۋوت ئىستېمالىغا چەكلىمە قويۇش، تاشقى پىرىۋوت زاپىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىدىكى بىر يېڭى سىياسىتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىمپورت تاۋارلىرىدىن يۇقىرى سوممىلىق تاموژنا بېجى ئالغانلىقتىن، بازاردىكى ئىمپورت ماللىرىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى، چەتئەلدىن بىۋاسىتە تور ئارقىلىق سېتىۋېلىش نۇرغۇن ئارگېنتىنا ئاممىسىنىڭ تاللىشى بولدى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى ئارگېنتىنادا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى تەخمىنەن 20 مىڭ تاۋار توردا سېتىۋېلىش ئارقىلىق چېگرىغا كىرگەن. بۇ تاۋارلار ئاساسلىق كىيىم كېچەك، كىچىك ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  «چېگرا سىرتىدا توردا سېتىۋېلىش ئىمپورت بېجى» سىياسىتى چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئارگېنتىنا جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. مۇخبىرنىڭ دوستى كرېستې: ئارگېنتىنادىكى ئەمەلىي دۇكانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، چېگرا سىرتىدىكى تور دۇكانلىرىدا تاۋارنىڭ باھاسى ئەرزان، تاللاش دائىرىسىمۇ كەڭ. باجنى قوشۇپ ئېلىش سىياسىتىنىڭ بىزگە تەسىرى خېلى چوڭ، ئەمما مەن چېگرا سىرتىدىن توردا سېتىۋېلىش ئادىتىمدىن ۋاز كەچمەيمەن. بەزى تاۋارلارغا باج قوشۇلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا باھاسى مۇۋاپىق بولىدىكەن، دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر