باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغاندىن بۇرۇنقى قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتورل قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2014.01.28 10:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ تارماق 26-يانۋار ئادەمگە يۇقىدىغان H7N9 تارقىلىشچان قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك H7N9 تارقىلىشچان قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش خىزمىتى ۋىدىيولۇق يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلغان: جايلار چاغاندىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ، چاغان مەزگىلىدىكى ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاننى ساغلام، خاتىرجەم، خۇشال -خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالاقىدار تارماقلار داۋاملىق ماسلىشىپ، مەنبەسىدىن كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى كېسەل يۈز بەرگەن جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرگە مەنبەنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ۋە تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا بېرىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئوبدان ئىشلەپ، تىرىك قۇش تىجارەت بازارلىرىنىڭ تازىلىقىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشى، ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش ساۋاتلىرىنى داۋاملىق ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاشكارا ، ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى توغرا مەلۇم قىلىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر