باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئارگېنتىنا «چېگرا سىرتىدا توردا سېتىۋېلىش بېجى» يىغىدۇ(2)

2014.01.26 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ قېتىم «چېگرا سىرتىدا توردا سېتىۋېلىش ئىمپورت بېجى»نى يولغا قويۇشتىن ئاۋۋال ، ئاھالىلەرنىڭ تاشقى پىرىۋوت ئىستىمالىنى توسۇش ئۈچۈن، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 12- ئايدا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدا ئىستىمال قىلىشىغا چەك قويۇدىغان باشقا بىر سىياسەت «ساياھەت ئالاھىدە بېجىنى» تۈزۈپ چىققان ئىدى يەنى ئارگېنتىنا تەۋەسىدە خەلقئارالىق ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالسا، چەتئەل مېھمانخانىلىرىنى زاكاز قىلسا ياكى ئارگېنتىنا ئىناۋەت كارتىسى بىلەن چەتئەللەردە ئىستىمال قىلسا، ھۆكۈمەت ئىستىمال ئومۇمىي سوممىسى ئاساسىدا %35 لىك ئالاھىدە باج ئالاتتى. بۇ خىل ئارگېنتىنا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە باجلارنى چىقىرىشتىكى سەۋەب ئاھالىلەرنىڭ چېگرا سىرتىدا ئامېرىكا دوللىرى ئىستىمال قىلىشىنى چەكلەش، تاشقى پىرىۋوت زاپىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى توسۇش. بۇنىڭدىن باشقا ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى نۇرغۇن تاشقى پىرىۋوتنى باشقۇرۇش سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ ئاھالىلەرنىڭ ئامېرىكا دوللىرى سېتىۋېلىشىغا چەك قويۇش، چېگرا سىرتىغا پۇل ئەۋەتىشنى قاتتىق چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئارگېنتىنالىق ئىقتىسادشۇناس پېرس مۇخبىرغا مۇنۇلارنى تەھلىل قىلىپ بەردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاشقى پىرىۋوت زاپىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى ۋە مەركىزى بانكىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان بىر چوڭ قېيىن مەسىلە، تاشقى ساھەنىڭ ئارگېنتىنانىڭ ئىقتىسادى خەتىرىنى باھالايدىغان بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچكە ئايلاندى. نۆۋەتتە ئارگېنتىنانىڭ تاشقى پىرىۋوت زاپىسى 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالدى. بۇ 2006-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە. ئىقتىساد ساھەسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا تاشقى پىرىۋوت زاپىسى داۋاملىق ئېقىپ كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.

  ئارگېنتىنا تاشقى پىرىۋوت زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى تۈپ سەۋەب مۇنداق: بىرىنچى، پۇل پاخاللىشىش، ئىككىنچى، تاشقى سودا ئاكتىپ بالانىسى ۋە تاشقى سېلىنمىنىڭ ئازايغانلىقى. 2007-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئارگېنتىنادا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى پۇل پاخالىشىش نىسبىتى %20 تىن ئاشتى. پۇل پاخاللىشىشتىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، نۇرغۇن كارخانا ۋە ئامما يىغىپ قويغان ئارگېنتىنا پېسوسىنى تېخىمۇ بىخەتەر بولغان ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بۇيان نېفىت تەبىئىي گاز سېلىنمىسى، ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ئارگېنتىنا ئىلگىرىكى نېفىت تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. تەييار نېفىت بىلەن تەبىئىي گاز ئىمپورت چىقىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىق زور دەرىجىدە ئۆرلىدى. ئېنېرگىيە ئىمپورت چىقىمىنىڭ ئېشىشى ئارگېنتىنانىڭ تاشقى سودا ئاكتىپ بالانىسىدا يىلسېرى ئازايدى، تاشقى پىرىۋوت زاپىسىغا بېسىم پەيدا قىلدى.

  ئەمەلىي ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، تاشقى پىرىۋوتنى ئىدارە قىلىش تاشقى پېرېۋوتنىڭ ئېقىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن،ئەكسىچە نورمال ئىقتىسادىي پائالىيەتكە تەسىر يەتكۈزدى. مەسىلەن: ئارگېنتىنا تەۋەسىدە چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرى قانۇنلۇق پايدىسىنى ئانا شىركىتىگە ئەۋەتىپ بېرەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سېلىش مۇددىئاسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر