خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 2014 – يىللىق شىنجاڭ زال ئىچى يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسى 23 – يانۋار شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايون بويىچە 8 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بويىچە 32 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 637 نەپەر تەنھەرىكەتچى بۇ قېتىمقى مۇددىتى ئىككى كۈنلۈك مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئىگىلىشىمچە، ماھىرلارنىڭ كىچىكى 10 ياش بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېنىك ئاتلىتكا تۈرىگە يېڭى مايسىلارنى تاللاش ئىكەن. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى)
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى