باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئارقىلىق يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش، ئېچىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

2014.01.26 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئارقىلىق يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش، ئېچىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ ئەستايدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  «يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئارقىلىق يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش، ئېچىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  نامراتلىقنى تۈگىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ــــ سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئېلىمىز نامراتلارنى يۆلەش، ئېچىش خىزمىتىدە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى بەرپا قىلدى. بىراق، نامرات رايونلار ئىقتىسادىنىڭ ئارقىدا قېلىش مەسىلىسىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولمىدى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى-تۇرمۇشى يەنىلا ئىنتايىن جاپالىق. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ مۈشكۈل ۋە ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىسى يېزىلاردا، بولۇپمۇ نامرات رايونلاردا. «جۇڭگونىڭ يېزىلاردا نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش پىروگراممىسى (2011-2020)»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، چوقۇم پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە 18-نۆۋەتلىك 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلارنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، ئېچىش خىزمىتى ھەققىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تەخىرسىزلىكنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، ئېچىش خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ۋە نامرات رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر