باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغانلىق تىرانسپورت سەپىرىدىكى ئىللىقلىق

2014.01.28 09:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېھقانلار كالېندارى بويىچە قەمەرىيە 12-ئاينىڭ 27-كۈنى چاغانغا يەنە 3 كۈن قالغان ئىدى. مەملىكەت بويىچە تاشيول، سۇ يوللىرىدا چاغانلىق تىرانسپورتتا يولۇچىلار كۆپ بولدى. جايلار قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ «چاغانلىق سەپەردىكى ئىللىقلىق» پائالىيىتىنىڭ چاقىرىقى بويىچە، ئاممىنىڭ خاتىرجەم ئوڭۇشلۇق يۇرتىغا قايتىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  26-يانۋار، بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش تىرانسپورت كومىتېتى«چاغان مەزگىلىدە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاسان توشۇلىدىغان بۆلەكلەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ مېڭىش لايىھەسى » نى ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، بېيجىڭ-چېڭدى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، بېيجىڭ-كەيفېڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، بېيجىڭ- تۇڭجۇ تېز تاشيولى قاتارلىق بايرام مەزگىلىدە ئاسان توشۇلىدىغان تاشيول بۆلەكلىرىدە بىر قانچە ئەگىپ ئۆتۈپ ماڭىدىغان يوللارنى لايىھەلەپ ، چاغاندا بېيجىڭغا كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان ئاپتوموبىللارغا سەپەرگە چىقىش ئىنچىكە مۇلازىمىتى قىلدى.

  سىچۈەننىڭ چېڭدۇ تىرانسپورتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى چېڭدۇ شەھەرلىك تىرانسپورتنى باشقۇرۇش باشقارمىسى، چېڭدۇ شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىكتە «ئىللىق سەپەر» ناملىق چاغانلىق تىرانسپورت پىدائىي مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، بۇ چاغانلىق تىرانسپورت بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، چاغانلىق تىرانسپورت بېلەت زاكاز قىلىش مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسىنى ئېچىش، بېلەتلەرنى زاۇۋتلارغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش، ھەقسىز بېلەت يەتكۈزۈش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۇڭچىڭ قاتناش تىرانسپورت گۇرۇھى ھەر قايسى چوڭ ئاپتوموبىل بېكەتلىرىدە قىيىنچىلىقى بار يولۇچىلارغا مەخسۇس ھەمرا بولۇش يېڭى تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقتى، ھەرىكەت قىلىشى قېيىن بولغان يولۇچىلار بېكەتكە كىرگەندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپ قوبۇل قىلغان خىزمەتچى خادىم يولۇچىغا مەسئۇل بولۇپ ئاپتوموبىلغا چىقىرىپ قويىدۇ. چۇڭچىڭ سەييۈەنبا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوموبىل بېكىتىنىڭ ساقلاش زالىدا بېكەتتىكى مۇلازىمەتچى خادىملار «لېيفېڭ مۇلازىمەت ماشىنىسى» بىلەن تۇغما يانپاش بوغۇمى ئاجراپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان پەرزەنتىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتقان ئەر ئايالنىڭ يۈك تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىپ، ئۇلارغا ياردەملىشىپ چۇڭچىڭدىن سىچۈەننىڭ لۇشيەن ناھىيەسىگە بارىدىغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلىتىنى ئېلىپ بەردى.

  جېجياڭ ئۆلكە تەۋەسىدىكى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە شوپۇر ۋە يولۇچىلارغا ھەقسىز «شوپۇر ۋە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى»نى تارقاتتى، بىر قىسمى يولۇچىلارغا قارىتىپ تۈزۈلگەن بىخەتەرلىكنى سەمىگە سېلىش تۈرلىرى، يەنە بىر قىسمى شوپۇرلارغا قارىتىلغان ماشىنا ھەيدەش بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەجۋىي رەسىم شەكلىدە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش تۈرلىرى چۈشەندۈرۈلگەن. نۆۋەتتە 160 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى.

  فۇجيەن ئۆلكىلىك قاتناش تىرانسپورت نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 25-يانۋارغىچە، شيامىن-جېنمىن، فۇجۇ-جىنمىن، ماۋېي-مازۇ دېڭىز لىنىيەسىدە جەمئىي 36 مىڭ ئادەم قېتىم توشۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %9.4 ئاشقان؛ فۇجيەن-تەيۋەن دېڭىز لىنىيەسىدە توشۇلغان يولۇچى 2979 ئادەم قېتىمغا يەتكەن. چاغانلىق تىرانسپورت مەزگىلىدە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دېڭىزدا بىۋاسىتە قاتناش لىنىيەسىدە توشۇلىدىغان يولۇچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر