باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئالاھىدە مائارىپ خىزمىتى تېلېۋىزىيە يىغىنى ئېچىلدى

2014.01.28 09:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئالاھىدە مائارىپ خىزمىتى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى، يوليورۇقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:«ئالاھىدە مائارىپنى ياخشى ئىشلەش- مېيىپلارنىڭ جەمئىيەتكە باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، مېيىپلار ئائىلىسىنىڭ بېيىشىنى ۋە جەمئىيەتتە باراۋەرلىك، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئالاھىدە مائارىپنى ئالاھىدە باشقۇرۇپ، ئالاھىدە مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، مېيىپ بالىلارنى باشقا بارلىق بالىلارغا ئوخشاش ياخشى مۇھىتتا ياخشى تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئالاھىدە مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدە مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مېيىپلارنىڭ مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر