باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەمگە يۇقىدىغان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلار داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، چاغان مەزگىلىدە يۇقۇم يامراپ كەتمەيدىكەن.

2014.01.29 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتە دىياگنوز ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلار 110 غا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، شاڭخەيلەردە 20 كىشى قازا قىلدى. يېقىندىن بۇيان، ئېلىمىزدە ھەر ھەپتىدە كۆپىيىۋاتقان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىلى يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىرلاشقان مەزگىلدىكىگە يېقىنلىشىپ قالغان. كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، H7N9 تىپلىق زۇكام ۋىرۇسى ئادەملەر ئارىسىدا تېخى ئۈنۈملۈك تارقىلالمايدىكەن. چاغان مەزگىلىدە H7N9 تىپلىق زۇكام يامراپ كەتمەيدىكەن.

  دۆلەت زۇكام مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۇ يۆلۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش نىسبىتى، يۇقۇش ئىقتىدارى، كېسەللىك پەيدا قىلىشچانلىقى، دورىغا چىدامچانلىقى قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرى ئۆزگەرمىدى، ۋىرۇسنىڭ ئاممىۋىي ساقلىق ساقلاش مەنىسىدىكى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقى، كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقىلىشتا بىيولوگىيەلىك ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى ھەم كىشىلەر ئارىسىدا ئۈنۈملۈك تارقىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقى تېخى بايقالمىدى، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ خەتىرىگە بولغان مۆلچەرىنى ئۆزگەرتمىدى.

  شۇ يۆلۇڭ مۇنداق دېدى: پەقەت يۇقۇم مەنبەسىنى كونترول قىلساقلا، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيمىز. بۇنىڭدىن كېيىن H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلار داۋاملىق كۆرۈلىدۇ، بىراق، كەڭ كۆلەمدە يامراپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر