باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ 2014-يىللىق تەيۋەن خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

2014.01.26 11:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق تەيۋەن خىزمىتى يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يۈ جېشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ۋەزىپىسى -سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دەپ ئوتتۇرغا قويۇلدى. بۇ باش ۋەزىپىدە يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەيۋەن خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى بېكىتىلگەن، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بىر نىيەتتە ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى تاماملاش. شۇڭا، تەيۋەن خىزمىتىدە نۆۋەتتىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىش ۋە نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىدىكى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېڭى بىر يىلدا، جايلار، تارماقلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تەيۋەن خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى ۋە ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقى بۆلگۈچىلىرىنىڭ سۇيىقەستىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاق ئالاقىسىدە يېڭى ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بارلىق تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، تەيۋەن ئاممىسىغا پايدىلىق سىياسەت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ جىنايەتچىلەرگە ئورتاق زەربە بېرىش ۋە ئەدلىيە جەھەتتە ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئەلئارا سىياسىي سۆزلىشىشىنى داۋاملىق قوللاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر