ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : بۇلتۇر ئاشلىق پاختىدىن مول ھۇسۇل ئالغان كۇچا دېھقانلىرى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مەبلەغ تەييارلاپ، خېمىيەۋىي ئوغۇت، ئۇرۇغ، سۇلياۋ يوپۇق، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، بۇ يىلمۇ يېزا ئىگىلىكىدىن ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس ياراتتى. سۈرەتتە: 25- يانۋار ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئارامەھەللە كەنتىدىكى دېھقانلار خېمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋالماقتا.