باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يەنە %10 ئۆستۈردى

2014.01.26 09:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شىنيۈنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 – يانۋاردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يەنە %10 ئۆستۈرگەن ھەم قىيىنچىلىقى ئېغىرلارغا مايىللاشقان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشكەن، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۇدا ئون يىل ئۆستۈرۈشى ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ يۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل دۆلەتنىڭ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تەڭشەش نىسبىتى بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تەڭشەش نىسبىتى% 10 بولغان، دۆلەت 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان. ھازىر ئاپتونوم رايونمۇ مۇشۇ نىسبەت بويىچە لايىھە تۈزۈۋېتىپتۇ.

  ياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تەڭشەشتە ‹‹كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش، ئۇزاق تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش››تەك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادىل بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلار ئىچىدىكى ئوخشىمىغان توپتىكىلەرنىڭ كىرىمىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، ئادىللىق گەۋدىلەندۈرۈلدى. قىيىنچىلىقى بار ئامما، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇلدى. بۇ يىل كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەڭشەشتە كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىشتەك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى گەۋدىلەندۈرۈلدى ھەم جاپالىق، چەت، يىراق رايون ئامىلى قاتارلىقلار تېخىمۇ كۆپ ئويلىشىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر