باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو قىشلىق ئو ت م ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇرۇلدى

2014.01.27 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 22-نۆۋەتلىك قىشلىق ئو ت م غا قاتنىشىدىغان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، 30-چېسلا سەپەرگە ئاتلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ليۇ پېڭ ئۆمەك باشلىقى، شياۋ تيەن بىلەن سەي جېنخۇا مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولغان بۇ ئۆمەك 139 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تەنھەرىكەتچى 66 نەپەر، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 25.2 ياش ئىكەن. بۇ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 1980-يىلدىن بۇيان قىشلىق ئو ت م غا ئونىنچى قېتىم قاتنىشىشى ئىكەن.

  جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ ماھىر دۇڭ جيەن سەپدىشى ۋە مەشۇقى پاڭ چىڭ بىلەن بىرلىكتە 4-قېتىم قىشلىق ئو ت م غا قاتنىشىدىكەن. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 4 چوڭ تۈر، 9 تارماق تۈر، 49 كىچىك تۈرگە قاتنىشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قىسقا ئارىلىقتا تېز تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، ئەركىن چاڭغا تېيىلىپ بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممە كىچىك تۈرلىرىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپتۇ. قىشلىق ئو ت م قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش تۈرىدىكى تۆت ئالتۇن مۇكاپاتنىڭ ساھىبى ۋاڭ مېڭ يارىدار بولغانلىقتىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىكەن. شياۋ تيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ماھىرلىرى سوچىدا تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچلىق ۋە تېخىمۇ جاپالىق رىقابەتكە دۇچ كېلىدۇ. جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 2-3 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشەلەيدۇ، ئەگەر ماھارىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرالىسا، 4-5 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشىمۇ مۇمكىن. ۋانكۇۋېردىكى قىشلىق ئو ت م دا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى 5 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنىدى. 22-نۆۋەتلىك قىشلىق ئو ت م 2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 85 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئالتە مىڭدەك تەنھەرىكەتچى 7 چوڭ تۈر 15 تارماق تۈر 98 كىچىك تۈردىكى ئالتۇن مېدالنى تالىشىدۇ. (جېڭ خۇڭشېن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر