- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سىنوۋدېن: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 120 مىليون قېتىملىق يوشۇرۇنچە تىڭشاشتا تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن بىرنىمۇ بايقىمىغان
2014.01.26 16:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-يانۋار بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 4 تە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى سىنوۋدېن توردا 13 تورداشنىڭ سوئالىغا يېزىق شەكلىدە جاۋاب بەردى. سىنوۋدېن: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، 120 مىليون قېتىم يوشۇرۇنچە تىڭشىغان، بىراق تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن بىر قېتىملىقنىمۇ بايقىمىغان، كۆپ يىللاردىن بېرى مەخپىي بېرىلىۋاتقان بۇ قانۇنسىزلىقنى ئاياقلاشتۇرىدىغان ۋاقىت بولدى، دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر