باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تايلاند سايلىمىغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 375 رايوندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئاۋاز بېرىلدى

2014.01.27 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاند سايلىمىغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 375 رايوندا 26-يانۋار مۇددەتتىن بۇرۇن ئاۋاز بېرىلدى، ھۆكۈمەتكە قارشى تاماشىچىلار ئارىلاشقانلىقى سەۋەبىدىن تۆتتىن بىر قىسىم سايلام رايونىدا ئاۋاز بېرىشكە ئامال بولماي قالدى. ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان «قىزىل كۆينەكلىكلەر» باڭكوكتىكى بىر ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا توقۇنۇشتى، ھۆكۈمەتكە قارشى يىغىلىشنىڭ بىر يادرولۇق ئەزاسى ئېتىپ تاشلاندى.

  مۇددەتتىن بۇرۇن ئاۋاز بېرىش- سايلامغا ئاۋاز بېرىش كۈنى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدا ئاۋاز بېرەلمەيدىغان سايلىغۇچىلار ئۈچۈن تەسس قىلىنغان ئاۋاز بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. رەسمىي ئاۋاز بېرىش كۈنى مۇشۇ تۈردىكى زوراۋانلىق ۋە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشى ھەمدە ئۆلۈم-يېتىم كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. سايلام كومىتېتى 28-يانۋار بۇ ئەھۋال توغرىسىدا قارانچى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنستىرى يىڭلاك بىلەن كۆرۈشۈپ، سايلامنى كېچىكتۈرۈش -كېچىكتۇرمەسلىكنى كېڭىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر