باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

«يەپ-ئىچىش باغچىلىرى»نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟

2014.01.27 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇن باغچىلاردىكى ئارامخانىلار تىجارەتتىن توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنىۋاتىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىر بېيجىڭدىكى خۇڭلىڭجىن باغچىسىغا جايلاشقان يىشىليۇ ئارامخانىسىغا كېلىپ، خېرىدار يوق بوسۇغىسىنى توپا بېسىپ ياتقانلىقىنى كۆردى. بىر مۇلازىم: ئارامخانا باغچىنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋالغاچقا تەرتىپكە سېلىنىۋاتىدۇ، تىجارەت قىلمايۋاتىمىز، دېدى. تاقالغىنى پەقەت يىشىليۇ ئارامخانىسىلا ئەمەس، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەرگە قاراشلىق باغچىلاردىكى خۇسۇسىي ئارامخانىلار ۋە ئالىي بەزمىخانىلارنى بىردەك تاقاشنى تەلەپ قىلدى.

  1-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىر چېڭدۇ شەھىرى دۇڭخۇ باغچىسىدىكى بۇرۇن زىيارەت قىلغان بوشاڭ سودا ئارامخانىسىغا كەلدى. ئەينەك ئىشىك ھىم تاقاقلىق بولۇپ، باغچا باشقارمىسىنىڭ «2013-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنى» دېگەن خەت يېزىلغان پېچىتى چاپلاقلىق ئىدى. بۇ ئارامخانىنىڭ تور بېكىتىدە قالدۇرۇپ قويغان ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون ئۇرىۋىدى، قۇرۇق نومۇر بولۇپ چىقتى. ئاندىن مۇخبىر يەنە بۇلتۇر 2-ئايدا تىجارەت باشلىغان جىنلەن دەريا سۇ مەھسۇلاتلىرى رېستۇرانىغا كېلىپ، ئىشىكى پېچەتلىك ئىكەنلىكىنى، يەنە تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنىۋاتىدۇ دېگەن خەت يېزىلغان تاختا ئېسىلغانلىقىنى كۆردى.

  شېنياڭدا ۋۇلىخې باغچىسى «سەي جەمەتى رېستۇرانى»نىمۇ قۇپقۇرۇق، تيېشى ئورمان باغچىسىدىكى «لەنتىڭخۈي» مېھمانخانىسىمۇ تىجارەتتىن توختىتىلىپتۇ.

  نەنجىڭدا، ھازىرغا قەدەر باغچا، ساھايەت نۇقتىسى، تارىخىي ئىمارەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئالىي تاماقخانىلارنىڭ يەتتىسى تاقالدى، قالغان تۆتىسىنىڭ تىجارەت ھوقۇقى بىكار قىلىندى.

  گۇاڭجوۋدا «يەپ-ئىچىش باغچىسى» دەپ ئاتالغان ليۇخۇاخۇ باغچىسىدىكى تاماقخانىلارنىڭ ھەممىسى توختام مۇددىتى توشقان ھامان تاقىلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر