باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى ئىلمىي تەكشۈرۈش خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا بايراملىق تىلەك تىلىدى

2014.01.27 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 26-يانۋار دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىدا، دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراسى ئارقىلىق، قار مۇزلۇق پونكىتلاردا ۋە بىپايان دېڭىز ئوكيانلاردا كۆرەش قىلىۋاتقان ئىلمىي تەكشۈرۈش خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا بايراملىق تىلەك تىلىدى. جاڭ گاۋلى دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەكلىگىنى تەكىتلىدى.

  ئۇ يەنە قار مۇز پونكىتى ۋە دېڭىز ئوكيانلاردىكى پەن-تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرىنى يوقلىدى. دېڭىز ئىشلىرى سۈنئىي ھەمراسى ئارقىلىق، قار ئەجدىھاسى ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى، دېڭىز-ئوكيان 1-نومۇر ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىكى سەددىچىن پونكىتى، جۇڭسەن پونكىتىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسىسلەر ۋەكىلى بىلەن كۆرۈنمە چاستۇتا ئارقىلىق سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلى ئىگىلىدى.

  ئۇنىڭدىن كېيىن جاڭ گاۋلى پونكىتتىكى ئوكيان پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پونكىت، دېڭىز ئوكيان خىزمىتى دېڭىز ئوكيان ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ساھە. پونكىت ۋە دېڭىز ئوكيانلاردىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر