يىغىندا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) مۇزاكىرە قىلىندى، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار قاتناشتى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23–يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 23-يانۋار گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا قاراپ چىقىلىدىغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات مۇزاكىرە قىلىندى، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا ئەۋەتىپ پىكىر ئېلىش قارار قىلىندى. لى كېچياڭ يىغىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا خىزمەت دوكلاتى بېرىشى ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى قانۇندا بېكىتىلگەن مۇھىم مەجبۇرىيەت. بىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىن پىكىر ئېلىشىمىز، ھەرتەرەپلىمە سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئېچىشىمىز، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئەستايىدىل تۈزىتىشىمىز ـــ خەلق رايىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى تېخىمۇ زەن سېلىپ ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىگە ماسلىشىش، چوڭ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشنى بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، دوكلاتنى ئاممىغا يېقىن، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەن، ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى