باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى پىسكوف پۇتىننىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلدى

2014.01.26 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى پىسكوف 22-يانۋار رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، زىيارەت جەريانىدا ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن، سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئۇكرائىنادىكى مالىمانچىلىق قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى. بىر مۇخبىر پۇتىن ۋاقىتتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرەمدۇ؟ ئۇ تېخىمۇ قاتتىق ياكى تېخىمۇ يۇمشاق بولۇپ كېتەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پۇتىننىڭ خاراكتېرى شەكىللىنىپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مىجەزى مۇقىم، شۇڭا ئۇنى ئۆزگىرىدۇ دېيىش ئانچە مۇمكىن ئەمەس، دېدى.

  پىسكوف مۇنداق دېدى: پۇتىن پىششقان رەھبەرگە ئايلىنىپ بولغان، چۈنكى ئۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نۇقتىسى، ھەر خىل ئىنچىكە ئۇقۇملار قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئەھۋاللارنى تولۇق كونترول قىلىپ تۇرالايدۇ. ئەگەر مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە تۇرۇپ ھەر خىل مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلمىسا، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا ئېغىر بېسىم ھېس قىلىدۇ.

  ئۇ يەنە ئاشكارىلاپ، ئىلگىرى مەن بىر نەچچە قېتىم پۇتىننىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالغان. مەن دائىم مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا تارىخ قاتارلىق پەنلەرنى ياخشى ئۆگەنمىگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى ئەيىبلەيمەن. پۇتىن تارىخقا بەك قىزىقىدۇ، ئۇ بىرەر تارىخنى تەھلىل قىلغاندا مەن چوقۇم يەرگە قاراپ قالىمەن، بىر قېتىم پۇتىن مەندىن قەدىمىي رۇسىيەدىكى بىر مۇخلىس توغرىسىدا سوئال سورىغاندا مەن جاۋاب بېرەلمەي خىجىل بولۇپ، كەچتە قايتىپ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرگەن ئىدىم، دېدى.

  پىسكوف پۇتىننىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئادەتتە پۇتىن قايسى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى، ئارام ۋاقىتلىرىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  پىسكوف يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر پۇتىننىڭ پىلانېردا ئۇچىۋاتقان ۋاقتىدا تارتىلغان ۋېدىيونى مەخسۇس كىشىلەر قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان دەپ ئويلىساڭلار خاتالاشقان بولىسىلەر، بۇ ھەقىقىي ئەھۋال. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ۋېدىيوغا تارتىشنى ئۇ ئويلاپ چىقمىغان، ئۆزى شۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، باشقىلار تارتىۋالغان خالاس. بۇندىن باشقا رۇسىيە جۇغراپىيە جەمئىيىتى رامكىسىدا ئۇنىڭ نۇرغۇن پىلانلىرى بار.

  پۇتىننىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرىتى توغرىسىدا پىسكوف مۇنداق دېدى: ئەگەر پۇتىن قەستەن يېرىم يالىڭاچ سۈرەتكە چۈشكەن دېسەڭلار يەنە خاتالاشقان بولىسىلەر، ئەمەلىيەتتە پۇتىننىڭ ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ فوتوگرافلىرى بار. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزىدۇ، ياكى نورمال خىزمەت قىلىدۇ، ئارام ئالىدۇ. بەزىدە بىز پىرېزىدېنتىن بىر قىسىم سۈرەت ۋە ۋىدېيولارنى ئاشكارىلاشنى سورايمىز. بۇنداق ماتېرىيالار ناھايىتى كۆپ.

  پۇتىننىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا پىسكوف مۇنداق دېدى: پۇتىن لاياقەتلىك دادا، ئۇنىڭ بىر جۈپ ياخشى قىزى بار، ئۇلار ھازىر ناھايىتى ياخشى تۇرىۋاتىدۇ.

  ئۇ يەنە ئاشكارىلاپ، پۇتىن ھەر كۈنى چىنىقىدۇ، يېرىم كېچىگىچە ئىشلىسىمۇ ئۇ ئوخشاشلا سۇ چۆمىلىدۇ، بەدەن چىنىقتۇرىدۇ ، دېدى.

  پىسكوف پۇتىننىڭ ئەمەك ئىتلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: قارا رەڭلىك كېرنى ئىسىملىك رابرادو ئىتى قېرىپ قالدى، شۇڭا ۋاراڭ چۇرۇڭ جايدا سەل جىددىيلىشىدۇ، باشقا بافى ئىسىملىك بۇلغارىيە پادىچى ئىتى، چۈش ئىسىملىك ياپونىيە ئاكىتا ئىتلارنىڭ ھەممىسى ياخشى. ۋاجىك ئىسىملىك تايچاقمۇ ناھايىتى ساغلام.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر