باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېخانىزمنى يېڭىلاپ، يېزىلار نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى» چىقىرىلدى

2014.01.26 11:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى يېقىندا «مېخانىزمنى يېڭىلاپ، يېزىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقاردى. پىكىردە نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالتە خىزمەت مېخانىزمى ۋە ئون نۇقتىلىق خىزمىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن، نامرات جايلارنىڭ تەرەققىياتى كەينىدە قېلىش مەسىلىسى تۈپتىن ئۆزگەرمىدى، نامرات نوپۇسنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى يەنىلا ئىنتايىن قىيىن بولماقتا.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدە، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سەپەرۋەر قىلىپ، ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەت تەڭكەش ئىلگىرى سۈرىدىغان نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كەڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ ۋە تەقسىملەپ، نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  نامرات ناھىيەلەرنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى مېخانىزمىنى توغرا ئورنىتىپ، كادىرلار كەنتلەردە تۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەدىن مەخسۇس ئاجرىتىلغان نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەت قاتنىشىش مېخانىزمىنى يېڭىلاش لازىم.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: نامرات جايلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىدىغان توساقلارغا قارىتا، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامراتلار جايلارنى ئاساسلىق مەيدان قىلىپ، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى تۈزەش، نامراتلارنى كۆچۈرۈش، ئىش تېپىپ ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كۈچنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئون نۇقتىلىق خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش لازىم، بۇلار تۆۋەندىكىچە: كەنت دەرىجىلىك يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى، يېزا ئېلېكتىرىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، يېزا ساياھىتى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ بىلەن نامراتلارنى يۆلەش، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە نامرات كەنتلەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر