باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىن گوڭجۇلىڭدا دوختۇر يېتىشمەي، دوختۇر ئىزدىمەكتە

2014.01.26 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەر يىلى چاغاننىڭ ئالدىدىكى بىر نەچچە كۈندە، جىلىن ئۆلكىسى گوڭجۇلىڭ شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانىسىدىكى كېسەللەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆيلىرىگە چاغان ئۆتكۈزۈشكە قايتىدۇ. نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، 53 ياشلىق چۈ جىنليەن ھەر بىر كېسەلگە چاغاندا ئۆيىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلىغاندىن سىرت، يەنە «بىزنىڭ بۆلۈمىمىزگە ئون نەچچە يىل يېڭى دوختۇر كەلمىدى، يېڭى بىر يىلدا بىر نەچچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كەلگەن بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى» دەپ ئارزۇ قىلدى.

  جىلىن ئۆلكىسى 2008-يىلىدىن تارتىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش خىزمىتى سىناق ئۆلكىسى بولدى. بۇلتۇر پۈتۈن ئۆلكىدىكى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سىياسىتىنىڭ دائىرىسىدىكى كېسەلخانا راسخوتىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %75 كە يەتتى، ئىلگىرىكى دېھقانلارنىڭ يېنىك كېسەللەرگە چىشىنى چىشلەش، ئېغىر كېسەللەرگە بەرداشلىق بېرىش قىيىنچىلىقى كەلمەسكە كەتتى، دېھقانلارنىڭ ئىقتىساد ئىقتىدارى چەكلىمىسىدىن بېسىلىپ قالغان داۋالىنىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇشقا باشلىدى.

  ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېڭى ئۆستى، ناھىيەلىك دوختۇرخانىلارنىڭ قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرى ياخشىلاندى، دوختۇرلارنىڭ كىرىمى ناھىيەلەردىمۇ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، بىراق چۈ جىنليەن ھازىرقى دوختۇرخانىغا بىر مېدىتسىنا كەسپىنى پۈتتۈرگەن تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسىنى تەكلىپ قىلىشنىڭ كۈچلۈك ئارزۇغا ئايلانغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈچ يىل ئىلگىرى دوختۇرخانىمىزغا خاربىن مېدىتسىنا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئىككى ئوقۇغۇچى كەلگەن ئىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىشتاتىنى ھەل قىلالمىغانلىقتىن، ئاخىرى ئىككىلىسى كېتىپ قالدى. ئاسپىرانتلارغا ئىشتات بار بولسىمۇ، كېلىشنى خالىمايدۇ، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ئىشتاتى يوقلىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى 800 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ياشلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېلىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ ھەممىسى ئۇلاردا ئەمەس.

  بۇلتۇر گوڭجۇلىڭ شەھىرى بىلەن مېيخېكۇ شەھىرى جىلىن ئۆلكىسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ھوقۇقى كېڭەيتىلگەن سىناق شەھىرى قىلىندى، چۈ جىنليەن مۇنداق دېدى: مېيخېكۇ شەھىرى ھەر يىلى يېڭى ئىشتات كۆپەيتىش ئارقىلىق، 60 داۋالاش ئىختىساسلىق خادىمىنى قوبۇل قىلماقتا، قەلبىمدە دەرھال يېڭى خىزمەتداشلار كۆپىيىدۇ دېگەن چاغانلىق ئارزۇ پەيدا بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر