باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى دۇڭخۇاڭ نېفىت يەتكۈزۈش تۇربىسىدا گاز پارتلاش ۋەقەسىنى مەلۇم قىلدى

2014.01.27 09:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە 26-يانۋار «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ دۇڭخۇاڭ نېفىت يەتكۈزۈش تۇربىسىدا 22- نويابىر يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ئالاھىدە زور ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ۋەقەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋەقەسى ئىكەنلىكى بايقالدى. دېلوغا چېتىشلىق زور مەسئۇلىيەت ۋەقەسى جىنايىتى، خىزمەت ئورنىدا بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى بىلەن 15 كىشى ئەدلىيە ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. 2013-يىلى 22-نويابىر سائەت 10 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتى چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى تۇرۇبىدا توشۇش تارماق شىركىتى دۇڭخۇاڭ نېفىت تۇربىسىدا خام نېفىت شەھەرنىڭ سۇ چىقىرىش يولىغا ئېقىپ كىرگەن، ھىم ئېتىلگەن بوشلۇق ھاسىل قىلغان يولدا نېفىت تەبىئىي گاز يىغىلىپ، ئۇچقۇن پەيدا بولۇپ پارتىلاپ، 62 كىشى قازا قىلغان، 136 كىشى يارىلانغان، 751 مىليون 720 مىڭ يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بولغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا تەستىق سېلىپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. ۋەقەنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى تۆۋەنكىدەك: نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى بىلەن سۇ چىقىرىش يولى تۇتاشقان جايدىكى تۇرۇبا يولى چىرىپ نېپىزلاشقان، خام نېفىت ئېقىپ سۇ چىقىرىش يولىغا كىرگەن. خام نېفىت ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلغۇچى خادىملار سۇيۇقلۇق بېسىمى ئۇششاقلاش بولقىسى بىلەن يولنىڭ قاپقىقىنى تۆشۈك تېشىپ چاققان، بۇنىڭدىن چىققان ئۇچقۇن يولدىكى نېفىت گازىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋەقە يۈز بېرىشتىكى ۋاستىچى سەۋەب تۆۋەندىكىدەك: جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشمىگەن، مەسئۇلىيەت سىستېمىسى مۇكەممەل ئەمەس، تارماقلارنىڭ فۇنكىتىسىيىسى، مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئەمەس؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈش تۈزىتىش چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئۈزۈل كېسىل بولمىغان، زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرى ۋاقتىدا تۈگىتىلمىگەن؛ ۋەقەدىن جىددىي قۇتقۇزۇش يېتەرلىك بولمىغان، نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى مۇۋاپىق بولمىغان، قارغۇلارچە مۇداپىئەلىنىش ئەسۋابلىرىدىن باشقا ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ مەشغۇلات قىلىپ، بەلگىلىمىگە، قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ھەر قايسى مەركەز كارخانىلىرىدىن بۇنىڭدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر