باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ بىمەنە مەنتىقىسى

2014.01.26 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شېنزو كونا نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىپ جۇڭگوغا ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇم قىلىپ، ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلىش «تەبىئىي» ئىش دېدى. ئابى شېنزونىڭ ئىنسانىي پەزىلەت ۋە خەلقئارا ھەققانىيەتكە پەرۋا قىلمايدىغان بۇ قىلمىشى ئادالەتپەرۋەر دۆلەتلەر ۋە ئادالەتپەرۋەر زاتلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەلچىلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى تاراتقۇلاردا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئابى شېنزو ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخنى ئىنكار قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرتىپكە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش سۈيىقەستىنى ئېچىپ تاشلىدى.

  مىسلىسىز يېتىم قالغان ياپونىيە ھۆكۈمىتى قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە باشلىدى: بىر تەرەپتىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئامېرىكىغا ۋائىزلىق قىلىپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئەۋەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى باش ئەلچىلىرىنى ماقالە يېزىپ ھەييارلىق قىلىشقا بۇيرىدى. ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى باش ئەلچىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش سۆزلىرىدىن قارىغاندا، مەزمۇن ۋە مەنتىقە جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلگە نۇسخا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ياپونىيەنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ماقالىسىنى مىسالغا ئالساقلا، ئۇنىڭ مەنتىقىسىدىكى بىمەنىلىكنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

  ئاقلاش سۆزى-1: ئابى شېنزو ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، «ئەبەدىي تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش» تېمىسىدا بايانات ئېلان قىلدى، بۇ ئۇنىڭ ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلىشتا تىنچلىق ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ، مەڭگۈ ئۇرۇش قوزغىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

  ئاقلاش سۆزى-2: ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىدا ئۇرۇشتا ئۆلگەن 2 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ ئەرۋاھ تاختىسى قويۇلغان، ئابى شېنزو ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغانلارغا ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرگىلى بارغان.

  بۇ ئىككى مەسىلىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىرىنچى، ياپونىيە ئۇرۇش قوزغىغۇچى دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇشتىن كېيىن تېگىشلىك جازاغا تارتىلمىغان. ئابى شېنزونىڭ ئانا تەرەپ بوۋىسى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايىتى گۇماندارى تۇرۇقلۇق ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولالىشى بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. مىلتارىزمنىڭ ئەرۋاھى ياپونىيەدە تېخى تۈگىگىنى يوق، شۇڭلاشقىلا ئابى شېنزو قاتارلىق ئوڭ قانات سىياسەتۋازلار موردىغا جان كىرگۈزۈشنىڭ كويىدا بولۇۋاتىدۇ. ئىككىنچى، يەنە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇرۇنقى ئېتىرازلىرى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ياپونىيەدىكى ئوڭ قانات سىياسەتۋازلارنىڭ سۈيىقەستىم ئىشقا ئاشتى دەپ ئويلاپ، غېرىچقا ئېرىشىپ غۇلاچقا تىكىلىپ، ئۆزىنى تەكشۈرمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  قاغا ھەرقانچە يۇيۇنسىمۇ ئاقارمايدۇ. ئابى شېنزو ھۆكۈمىتىنىڭ «چۈشەندۈرۈش»لىرى بولسۇن ياكى ياپونىيە ئەلچىلىرىنىڭ ھەييارلىقلىرى بولسۇن، پاكىت ۋە ھەقىقەت ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر