باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالجىرىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى سايلامغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2014.01.28 10:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالجىرىيە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى بىقىندا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش جەمئىيەت ھەرىكىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش جەمئىيەت ھەرىكىتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەزكۇر پارتىيە ئەستايىدىل مۇزاكىرىلەشكەندىن كېيىن، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى سىياسىي قاتلاملارنىڭ تەلىپىگە سال قارىغانلىقى ئۈچۈن يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىدا ھەقىقى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پۇرسىتى كەمچىل بولۇپ، سايلام ئادىل ۋە ئاشكارا ئۆتكۈزۈلمەيدۇ دەپ ھېسابلىدى. شۇڭا بۇ قېتىمقى سايلامغا توسقۇنلۇق قىلىشنى قارار قىلدى.

  تىنچ جەمئىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئالجىرىيەدىكى 40 نەچچە ئۆكتىچى پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەلەرنىڭ بىرى، بىراق پارلامېنتتا ئىگىلىگەن ئورنى %10 دىن ئاشمايدۇ، بۇندىن ئىلگىرى بىر قىسىم پارتىيەلەر پىرېزىدېنت سايلىمىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر