- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۈرۈمچى شەھىرى مېترو 1 – لىنىيەسىنىڭ بېكەت ناملىرى بېكىتىلدى
2014.01.24 10:59 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مېترو 1 – لىنىيەسى بېكەتلىرىنىڭ خەرىتىسى
21–يانۋار ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، مېترو 1–لىنىيەسىنىڭ توپا–ياغاچ قۇرۇلۇشى ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان بولۇپ ، پۈتۈن مۇساپىدىكى 21 بېكەت ۋە پىلاندىكىدىن باشقا 6 لىنىيە بىلەن ئالمىشىدىغان بېكەتلەر تۈزۈپ چىقىلغان ، شۇنداقلا ھەر بىر بېكەتنى ئالاھىدە ياساپ چىقىش پىلانلانغان .
ئىگىلىنىشىچە، مېترو 1–لىنىيەسىنىڭ پۈتۈن مۇساپىسى 27.6 كىلومېتىر بولۇپ ، يەر ئاستىدا مېڭىشنى ئاساس قىلىدىكەن . پۈتۈن مۇساپىگە 21 بېكەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، بېكەتلەرنىڭ تەخمىنەن ئارىلىقى 1.3 كىلومېتىر . جەنۇبتىن شىمالغا تەرتىپ بويىچە ئۈچتاش ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، دۆڭكۆۋرۈك ، ئاققۇۋۇق ، تۆگە دەڭ ، شىنشىڭ كوچىسى، يىكەنكۆل مەيدانى ، يىكەنكۆل شىمالىي يولى ، ۋاڭجيالياڭ ، سەككىز قەۋەت ، داشىگۇ ، جۇڭيىڭگۇڭ ، شياۋشىگۇ ، تۆمۈريول ئىدارىسى ، تەنتەربىيە مەركىزى ، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى ، مەرھابا يولى ئېغىزى ، سەنگۇڭ ، شۇەنرېندۈن ، چوڭ دىئوپو ، ئايرودۇرۇم بېكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .
مېترو 1–لىنىيەسىنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىدە 7 بېكەتتە باشقا لىنىيەلەر بىلەن ئالماشقىلى بولىدۇ ، ئۇلار ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئاققۇۋۇق ، يىكەنكۆل مەيدانى ، سەككىز قەۋەت ، تۆمۈريول ئىدارىسى ، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى ، شۈەنرېندۈن، ئايرودۇرۇمدىن ئىبارەت.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، يۇقىرىقى بېكەت ناملىرى ھەممىسى ۋاقىتلىق ناملار بولۇپ ، داۋاملىق تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر