باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردىكى سودىسى قىزىپ كەتتى

2014.01.24 10:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرى ۋە كالا-قوي گۆشلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىستېمالچىلار توردىن تالىشىپ سېتىۋالىدىغان بۇيۇمغا ئايلاندى.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تور دۇكانلىرىدا سېتىلغان 500 گىراملىق ئەنجۈر قېقىنى مىسالغا ئالساق، ئەنجۈر قېقىنىڭ توردا ئايلىق سېتىلىش مىقدارى 21 مىڭ 829 يۈەنگە يەتكەن، 47 مىڭ 276 ئادەم ئەنجۈرنىڭ سۈپىتىگە ياخشى باھا بەرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ‹‹ تيەنماۋ ›› تورىغا چىقىپ، ‹‹ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى›› دېگەن سۆزنى كىرگۈزگەندە، 1141 ئالاقىدار ئۇچۇر چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەتىرگۈل قىزىل ئۈزۈم ھارىقىنىڭ سېتىلىشى ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئايلىق سېتىلىش مىقدارى 40 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنلا چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم، ئەنجۈر قېقىنىڭ سودىسى ياخشى ئىكەن.

  بۇلتۇردىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروت يولى ياخشىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كالا-قوي گۆشلىرى ئىچكىردىكى ئىستېمالچىلار ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان يېمەكلىككە ئايلانغان.

  شىنجاڭ ‹‹ تيەندىيۈەن ›› تاۋباۋ دۇكىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 30 كۈندە 337 يۈەنلىك قوينىڭ ئارقا پۇتىدىن 372 سى سېتىلغان. جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يۈك توشۇش بۆلۈمىدىكى خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تېز يەتكۈزۈلىدىغان كالا-قوي گۆشلىرىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە توڭلىتىش ئىسكىلاتى ۋە يېشىل كارىدور تەييارلانغان.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىن 300 توننا ئەتراپىدا يۈك توشۇغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %30 كۆپ بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر