- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاي ناملىق ئاي ماشىنىسىدىن كاشىلا چىقتى
2014.01.27 09:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەت مۇداپىئەسى پەن تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئاي يۈزدىكى مۇرەككەپ مۇھىتنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاي ناملىق ئاي ماشىنىسى 2-قېتىملىق ئاي ئۇيقۇسىغا كىرىشتىن بۇرۇن چاتاق چىقىپ، ئاي ماشىنىسىنىڭ كونترولى ياخشى ئىشلىمىدى، ئالاقىدار تەرەپلەر مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ كاشىلىنى تەكشۈرىۋاتىدۇ.
چەتئەللەرنىڭ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدىن كۆرسىتىلىشچە، ئاسمان جىسىملىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونغان بىلەنمۇ، ناچار مۇھىت تەكشۈرگۈچنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويۇشى مۇمكىنكەن، تەكشۈرگۈچ بەزىدە يۆلىنىشنى يوقىتىپ، ھەرىكەت قىلالمايدىغان ئەھۋاللارغىمۇ دۇچ كېلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر