باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى چىقىپ كۆچۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

2014.01.28 10:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى كۆلىمى 130مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 120 مىڭغا يېتىدىغان ئەڭ چوڭ شەھەر كەپىلىك رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى يەنى باۋتۇ شەھىرى بېيلياڭ كەپىلىك رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا باشلانغاندىن بۇيان، ئولتۇراقلاشتۇرغاندىن كېيىن چىقىش، تۇرالغۇ ئۆي، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، چىقىشتىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى؛ پۇقرالار ئىشەنچكە تولدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھىرى بېيلياڭ كەپىلىك رايونىنى ئۆزگەرتىش يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش مەھەللىسى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يېڭى شەھەرچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق شۈ پېڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى ئۆيۈم 25 كۋادرات مېتىرغا يەتمەيتى، نەچچە يۈز كىشىنىڭ بىر ھاجەتخانىسى بار ئىدى. ھازىر، كونا ئۆيۈم تېخى چىقىلمىغان بولسىمۇ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم. ئۇنىڭ دېگىنى باۋتۇ شەھىرى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ سىناق قىلغان ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن چېقىش يېڭى تەدبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەدبىر پۇقرالارنىڭ چېقىپ كۆچۈرۈش قاتارلىق ئۆي ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

  ھازىر بېيلياڭ خېدۇڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسى بىڭئار مەھەللىسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر چاغاندىن بۇرۇن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىشكە تەييارلانماقتا. بېيلياڭ كەپىلىك رايونى ئۆزگەرتىلگەن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، كۆچۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان نوپۇس 13 مىڭغا يەتكەن، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىدىن بىر مىليون 500 مىڭ كۋادرات مېتىر سېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىنمۇ قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى. بېيلياڭ كەپىلىك رايونىدىكى %70دىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ مۇقىم كىرىمى يوق، ئىشسىزلار پۈتۈن شەھەر نوپۇسىنىڭ %22 نى ئىگىلەيتى. ئىشسىزلارغا ئىگىلىك يارىتىش جەھەتتىن ھەقسىز تەربىيىلەش، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنىنى يارىتىپ بېرىش كەپىلىك رايونىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايون ئىچىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى، خوجىلىق باشقۇرغۇچى، تازلىق ئىشچىلىرىغىچە ھەممىسى بېيلىياڭدىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن سەپلەندى. ئاممىنى سىياسەتتىن رازى قىلىش ئۈچۈن ئاممىنى قاتناشتۇرۇش كېرەك. بېيلياڭ كەپىلىك رايونىنى ئۆزگەرتىش كۆچۈرۈش لايىھىسىگە ئامما 40 قېتىمدىن كۆپرەك يىغىپ مۇزاكىرە قىلىشقا تەشكىللىنىپ ، ئاممىنىڭ 106 پىكرى قوبۇل قىلىندى. باۋتۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جوڭخې مۇنداق دېدى: ئاھالىلەر كەپىلىك رايونىنى ئۆزگەرتىشكە قاتناشقۇچىلار، شۇنداقلا ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاممىغا تايىنىشنى كەپىلىك رايونىنى ئۆزگەرتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئاممىنى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش، قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. ئىشلارنى ئاشكارا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر