باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا جۇڭگونى چەكلىمەستىن، جۇڭگونىڭ خەلقئارا سىستېمىسىدىكى مەنپەتىنى ئاشۇرۇش كېرەك دېدى

2014.01.24 10:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئەقلىي ئىسكىلاتى بولغان كانىكى خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئاكادىمىيەسى 22-يانۋار ۋاشىنگىتوندا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا جۇڭگونى چەكلەش ئىستىراتىگىيەسىنى قوللانماستىن، بەلكى باراۋەر مۇئامىلە قوللىنىشى، جۇڭگونىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان خەلقئارا سىستېمىسىدىكى مەنپەئەتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن ئەسىردىكى سوغۇق مۇئامىلە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا سوۋىت ئىتتىپاقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چەكلەش ئىستراتېگىيەسىنى قوللاندى، بىراق بۇ ئىستراتېگىيە جۇڭگوغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا كىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جۇڭگونى چەكلەش ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇندىن باشقا، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن چەكلەش ۋە سۇيقەستلىك قورال كۈچى بىلەن جۇڭگونى چەكلەش ئۆيىمۇ دۇنيا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو قارشىلىشىش ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە بەرداشلىق بېرىلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر