باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى يېڭىدىن تۇغۇلۇپ قازا قىلغان بالىلار ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك

2014.01.24 10:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاھالىلەرنىڭ قازا قىلىش تېببىي ئىسپاتى ۋە ئۇچۇرىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بىرلىشىپ تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشتا داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆيدە قازا قىلغان ۋە يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قازا قىلغانلىق ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2014-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، جايلاردىكى داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنغان ئاھالىلەرنىڭ قازا قىلغانلىق تېببىي ئىسپاتنامىسى قوللىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېزا، بازار، كوچا باشقارمىسى، ساقچىخانىنىڭ خەلق ساقچىلىرى، خەلق ئىشلىرى ياردەمچىلىرى، پىلانلىق تۇغۇت مەخسۇس كادىرى ۋە يېزا دوختۇرى يېزا بازارلىق شىپاخانا ياكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنى ئائىلىدە قازا قىلغانلار ۋە يېڭىدىن تۇغۇلۇپ قازا قىلغان بالىلار ئۇچۇرى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىشى كېرەك. داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى ئائىلىدە قازا قىلغانلار ۋە يېڭىدىن تۇغۇلۇپ قازا قىلغان بالىلار ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت،جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئاھالىلەرنىڭ قازا قىلغانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نوپۇس ساغلاملىق سىياسىتىنى تۈزۈشنى ئۇچۇر مەدىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر