باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى تۇنجى چۆل ياۋايى ھايۋاناتلار ھۆججەتلىك فىلىمى «جەككارتتىكى ھاياتلىق» سۈرەتكە ئېلىندى

2014.01.24 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «پەسىل قۇشلىرى خىزمەت ئىشخانىسى خىزمەتچىلىرى جەككارتېر ئادەمسىز رايونىدا سۈرەتكە ئېلىۋاتقان چاغدىكى خىزمەت سۈرىتى.»

  «بىزنىڭ ئەترىتىمىزدىكى بەش ئادەم «ماماتلىق بەلبېغى»دا 217 كۈن تۇرمۇش كەچۈردۇق. مىڭ كىلومېتىردەك مۇساپىنى بېسىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ چۆل ئىچكىرىگە 11 قېتىم كىردۇق، 2 يىل ئۈچ ئاي يەنى 700 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاخىرى «جەككارتتىكى ھاياتلىق »نى تاماملىدۇق. 26-يانۋار كەچتە بۇ فىلىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 9-قانىلىدا ئالتۇن ۋاقىتتا قويۇلىدۇ، 85-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان، چۆللۈك ھۆججەتلىك فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشقا باشتىن ــ ئاخىر قاتناشقان نيۇ سىيۈەننىڭ بۇ جەرياندىكى ئەسلىمىسى ئىنتايىن مول.

  جەككارت شىنجاڭنىڭ شەرقىدىكى چۆللۈك، چەرچەن بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، قانداقلا قارىسىڭىز قۇملۇق، ئىسسىق دولقۇن ۋە پايانسىز ئۇپۇق سىزىقىدىن باشقىسى كۆرۈنمەيدۇ. بۇ يەردە قۇياشنىڭ كۈنلىك يورۇتۇش ۋاقتى 16 سائەت، تېمپىراتۇرا 50 سېلسىيە گىرادۇس، پىژغىرىم ئىسسق يەر يۈزىدىكى سۇ مىقدارىنى يوقاتقان، پاكار ئۆسكەن چاتقالدىن باشقا، كۈندۈزى ھېچقانداق جانۋارنى كۆرگىلى بولمايدۇ، چۆللۈك ھەم تىمتاس ھەم زېرىكىشلىك بولۇپ، خۇددى باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوقتەك كۆرۈنىدۇ.ب

  ىراق بۇ «ئۆلۈمدەك جىمجىتلىق» ئىچىدە، پارچە ـ پۇرات چاتقاللىقلار ئىچىدە كۈندە ھاياتلىق ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر