مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 21-يانۋار چۈشتىن كېيىندىن 22-يانۋارغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 22-يانۋار تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 21-يانۋار چۈشتىن كېيىندىن 22-يانۋارغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى . جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى . ئۇ تەكەتلىپ مۇنداق دېدى : پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، تەشكىلات سېپىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.