باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىلمىي ئاساستا يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك

2014.01.23 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 22-يانۋار چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پايدىلىق شارائىت، ئەمەلىي ئاساس، نەزەرىيە تەييارلىقى ۋە ياخشى كەيپىيات ھازىرلىدۇق، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىلمىي ئاساستا يولغا قويۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»، «مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»، «مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قارمىقىدا تەسىس قىلىنغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دېموكراتىيە- قانۇنچىلىق ساھەسى ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق 6 مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ تىزىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ «مەركەزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ‹قارارى›نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى تەقسىملەش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛جايلار ۋە تارماقلارنىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرى تەتقىق قىلىندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر