باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن چاغانلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2014.01.22 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئات يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 21-چېسلا چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگودىكى بىر قىسىم چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  لى كېچياڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگودا ئىشلەۋاتقان بارلىق چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، خەلقئارا دوستلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا زور نەتىجەقازىنىشى پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭغا يەنە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە دوستلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان تەرىمۇ مۇجەسسەملەشكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

  ئامېرىكا برۇكىڭس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جون سورستون، ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىچىئەن، ئاۋستىرىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مۇتەخەسسىسى پۇربىد سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان 70 نەچچە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يۇقىرى مۇلازىمەتچىلىك، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپى تەرەققىياتى قاتارلىقلار توغرىسىدا قاراش ۋە پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. (پېڭ بو خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر