باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن ئۈمىد بار

2014.06.09 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قايتا يۇقىرىلاش 5-ئايدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىي مەلۇماتىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى. جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىش تىجارىتىنى باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئالدىن كۆرسەتكۈچىدە بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئۆرلەش كۆرۈلدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىدا دەسلەپكى قەدەمدە ياخشىلىنىش كۆرۈلدى. 2-پەسىلدە ئىقتىساد مۇقىم ئېشىشى مۇمكىن.

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان 5-ئايدىكى كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ ئالدىنقى تۆت ئايدىكى سۇسلىشىشنى تۈگەتتى. ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئالدىنقى كۆرسەتكۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ياسىمىچىلىق، غەيرى ياسىمىچىلىق، خۈيفېڭ جۇڭگو ياسىمىچىلىقىدا بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە پۇل مۇئامىلە ئىنىستېتوتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ شىجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى ئۇدا 6 ئاي ئوخشاش بىر خىل ۋەزىيەتنى ساقلىدى، بۇنىڭدىن ئىقتىساد ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتى ؛ياسىمىچىلىق ئۇدا ئۈچ ئاي ئاشتى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقى ياخشى،قايتا يۇقىرىلاش يۈزلىنىشى روشەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  5-ئايدىكى ئىقتىسادىي مەلۇماتنىڭ ياخشىلىنىشى ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرىدىغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 1-پەسىلدىكى ئىقتىسادىي مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر يۈرۈش سىياسەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.بۇ چوڭ كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ باج سالمىقىنى كېڭەيتىش، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە 80 تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەتنى قويۇۋېتىش، سودىنى قۇلايلاشتۇرۇش ياردەمچى كۈچى بىلەن تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئۆز ئىگە ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىندا ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. 5-ئاينىڭ 30-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا كارخانىلاردىن ئېلىنغان ھەقنى يەنىمۇ ئازايتىپ، نىشانلىق ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىپ، تەدبىر سالمىقىنى زورايتىپ، گوۋۇيۈەن چىقارغان سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قارار قىلىندى.

  جاۋ شىجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر تەرەپتىن جۇڭگو ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ،ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن نىشانلىق قۇرۇلما خاراكتېرلىق تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىكى ،يېزىلار، دېھقانلار، كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ مالىيە باج پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق تەرەپلىرىدىكى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە. كەلگۈسىدىكى كۆزلەنمىنى ئالدىن تەڭشەش تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 2-پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 1-پەسىلدىكىدىن تۆۋەن بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر