باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2014.06.09 08:41   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

شى جىنپىڭ جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا 7-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىتتىپاق بىرلىككە كەلگەن جۇڭخۇا مىللەتلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتا يىلتىزى؛ مول مەزمۇنغا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق روھى؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئورتاق يىلتىز مېھىرى مۇھەببىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،ئورتاق روھ ئوي-پىكىر بىر يەردىن چىقىش،ئورتاق ئارزۇ بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇشقا ئۈندەيدۇ.بىز جەزمەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىش دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە يېزىپ چىقالايمىز. چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرى خەلق سارىيىغا كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو خەلقى يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۆرۈشىنى قىلماقتا.بۇ ئۇلۇغ مۇساپىدە چەتئەللەردىكى بارلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرى تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى چوقۇم جارى قىلدۇرالايدۇ. جۇڭگو ئارزۇسى دۆلەت ئارزۇسى، مىللەت ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ ئارزۇسى. چەتئەللەردىكى بارلىق مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق مېھىرى مۇھەببەت، قويۇق ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ، مول ئەقلىي بايلىق، كەڭ سودا پۇرسىتىگە ئىگە. بىز جەزمەن جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرالايمىز.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى داۋاملىق نۇرلاندۇرۇپ، ئۆزى بۇنىڭدىن مەنىۋى كۈچ ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، جۇڭگولۇق چەتئەللىك ئاممىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. دۆلەت ياخشى بولسا، مىللەتلەر ياخشى بولسا، كۆپچىلىكمۇ ياخشى بولىدۇ. دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ئاندىن ياخشى بولىدۇ. بىزنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىمىز دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي كۈچ بولىدۇ. مەن كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ كۆۋرۈكىگە ئايلىنىپ، شۇ يەردىكى جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىپ، دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئەبەدىي تىنچ ۋە گۈللەنگەن دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەھەللىگە مۇلازىمەت قىلىش،ئېناق تەرەققىي قىلىش بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى. 119 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 500 دىن كۆپرەك مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
      ·دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلدى
      ·شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا(1)
      ·قازاقىستان پارلامېنتى رۇسىيىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى…
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئائىت كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئىتتى…
      ·10 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ
      ·جياڭشى يىچۇەندىكى ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق  قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئايرىم ئىمتىھان بېرىدۇ…
      ·بىرقانچە تارماق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇر…
      ·مەملىكەت بويىچە ئاتا ئانىسى بىلەن ئەگىشىپ كەلگەن 56 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قەھرىمانلىق يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىم ئىمتىھان ئالماقچى