چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 31-ماي ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بەش يىل بۇرۇن تالىبانلار تۇتۇپ كەتكەن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە سېرژانتى بېردارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان . بېردار تالىبانلار تۇتۇپ كەتكەن بىردىنبىر ئامېرىكا ئەسكىرى . ئامېرىكا بىلەن تالىبانلارنىڭ ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى بويىچە ، ئامېرىكا كۇبا گۋانتانامو تۈرمىسىدىكى بەش نەپەر ئافغانىستانلىق مەھبۇسنى قويۇپ بېرىپ ، بېردارنى قايتۇرۇپ كەلگەن .
بېردار بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، 2009-يىلى 30-ئىيۇن ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە تالىبانلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ، بۇ چاغدا ئۇ ئافغانىستانغا كەلگىلى ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغانىدى .
ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى ئافغانىستاننىڭ پاكىستان چېگرىسىغا يېقىن جايىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىمنىڭ نەچچە ئون ئەسكىرى قاتناشقان .
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، سېرژانت بېردارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئىكەن ، ئۇ ئاۋۋال ئافغانىستان Bagrām دىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بارىدىكەن ، ئارقىدىن ئامېرىكىغا قايتىدىكەن .