باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ

2014.05.29 09:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى زور دەرىجىدە قىسقارتىلىپ، نومۇر قىممىتى تۆۋەنلىتىلدى، ئىدىيە-ئەخلاققا نومۇر قوشۇپ بېرىش تالاش-تارتىش قوزغىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى مائارىپ ئىمتىھان تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرىگە دائىر يېڭى سىياسەتنى رەسمىي ئېلان قىلغان.

  بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇپ بېرىش كوللېكتىپ «قىسقارتىلغان»، تەڭشەش ئاساسەن ئولىمپىك، پەن-تېخنىكا ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق تۈرلەرگە مەركەزلىشىپ، زور دەرىجىدە قىسقارتىلغان، قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇر قىممىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن.

  بۇ يىل تۇنجى بولۇپ ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرگە نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرىگە كىرگۈزگەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنى مىسال قىلساق، شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۆلكىلىك ئۇنىۋېرسال تۈزەش كومىتېتىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەنلەرگە 10 نومۇر قوشۇپ بېرىش ئارخىبىنى يوللىسا بولىدۇ؛ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەنلەرگە 20 نومۇر قوشۇپ بېرىش ئارخىبىنى يوللىسا بولىدۇ، قوبۇل قىلىش قىلماسلىقنى ئالىي مەكتەپ قاراپ چىققاندىن كېيىن بېكىتىدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارسىى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر