خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن جەنۋەدىن بەرگەن خەۋىرى: نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئايروپىلان «قۇياش ئىمپۇلىسى-2» شىۋېتسارىيەنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان پايېرنى شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلدى. كېلەر يىلى 3-ئايدا، ئىككى نەپەر شىۋېتسارىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى «قۇياش ئىمپۇلىسى-2»نى ھەيدەپ دېڭىز قولتۇقى رايونىدىن يولغا چىقىپ دۇنيانى ئايلىنىش ساياھىتىنى باشلايدۇ.
پىلان بويىچە «قۇياش ئىمپۇلىسى-2» كېلەر يىلى 3-ئايدا دېڭىز قولتۇقى رايونىدىن ئۇچۇپ، ئەرەب دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، ھىندىستان، بىرما، جۇڭگولارغا كىرىدىكەن، ئاندىن تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ ئامېرىكىغا بارىدىكەن، يەنە جەنۇبىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئافرىقىلارغىمۇ بارىدىكەن، ئەڭ ئاخىرىدا باشلانغان نۇقتىغا قايتىپ كېلىدىكەن. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى