باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ‹‹بالىلار–ئۆسمۈرلەر ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر›› نى ئېلان قىلدى

2014.06.04 09:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1 – ئىيۇن 65 – قېتىملىق خەلقئارا بالىلار بايرىمى. خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بالىلار – ئۆسمۈلەر ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹بالىلار – ئۆسمۈرلەر ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر›› نى ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتتىن بالىلار – ئۆسمۈرلەر ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يادرو، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالىلار – ئۆسمۈرلەر ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى ئىلمىي سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ‹‹پىكىر›› دە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتتىن ھەر مىللەت بالىلار – ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان؛ ھەر مىللەت بالىلار – ئۆسمۈرلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، سىرداش، قەلبداش بولىدىغان؛ كىچىكىدىن باشلاپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، سەمىمىي بولۇپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان، ئوقۇتقۇچى ۋە چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆگىنىشنى، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئېنىق تەلەپ قىلىندى.

  ‹‹پىكىر›› دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، ھەر مىللەت بالىلار – ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۇلاردا خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر – بىرىدىن ئايرىلالماسلىق ئىدىيەسىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش؛ ئۇنىۋېرسال ساپانى يېتىلدۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيەۋى پەزىلەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت بالىلار – ئۆسمۈرلەرنى ساغلام يېتىلىشكە يېتەكلەش؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش›› تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت بالىلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ پەنگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئىلمىي روھىنى يېتىلدۈرۈش؛ قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بالىلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى شارائىت يارىتىش كېرەك.

  ‹‹پىكىر›› دە يەنە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتتىن پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتى ۋە پىيونېرلار ئەترىتى ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بالىلار – ئۆسمۈرلەر ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلار ئىتتىپاقىغا ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلىش شەرەپلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان، پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلۇشى نىشان – ۋەزىپىسىنى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ خىزمىتىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈش كېرەك. مائارىپ تارماقلىرى پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى ئاساسىي مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى ئۆز رايونىنىڭ مائارىپ پىلانى بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەر بالىلار – ئۆسمۈرلەر ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى قوللاپ،بالىلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر