باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەككە ۋە خۇسۇسىي كارخانىدىكىلەر شەھەر بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ % 90 نى ئىگىلىدى

2014.06.09 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ 8-ئىيۇندىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، يەككە ۋە خۇسۇسىي كارخانىدىكى ئۆتكەن يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار مەملىكەت بويىچە شەھەر بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %90 نى ئىگىلىگەن.

  ئۆتكەن يىلى دۆلەتلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بازارغا ئىجازەتلىك كىرىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ تىزىملاش تەرتىپىنى قويۇۋېتىپ، تىزىملاش رويخەتكە ئېلىش ھەققىنى ئازايتىش كەچۈرۈم قىلىش، مەخسۇس كۆزنەك تەسىس قىلىش ئارقىلىق ، يەككە ۋە خۇسۇسىي كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار تۈرلۈك ئاممىنى مۇستەقىل ئىگىلىك يارىتىش يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىگىلىك يارىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى. سودا سانائەت تارماقلىرىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 39 مىڭ ئىستودىنىت يەككە تىجارەت، خۇسۇسىي كارخانا ئىلتىماسى سۇنغان، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىكىدىن %50 يۇقىرى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر