- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىللىق يازلىق تەتىللىك ئوقۇغۇچىلار پويىز بېلىتىنى سىتىش باشلاندى
2014.06.09 09:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىللىق يازلىق تەتىللىك ئوقۇغۇچىلار پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلانغان. ئوقۇغۇچىلار بېلىتى سېتىش ۋاقتى 25-ئىيۇندىن 10-سېنتەبىرگىچە بولۇپ، ئالدىن سېتىش ۋاقتى 30 كۈن ئۇزارتىلغان. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ۋە پويىز بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش كارتىسى ئارقىلىق 12306 تور بېكىتى، تېلېفون، ۋوگزال كۆزنىكى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش، پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش ئورۇنلىرىدا يازلىق تەتىللىك بېرىپ كېلىش ئوقۇغۇچىلار پويىز بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدىكەن.
ئالى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ تامغىسى بېسىلغان ئېتىبار بېرىش ئىسپاتى، پويىز بېلىتىدە ئېلېكتىرونلۇق ئېتىبار بېرىش كارتىسى ۋە مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ. يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ چاقىرىقى، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ يازما ئىسپاتى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپنىڭ يازما ئىسپاتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.
تۆمۈر يول تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئوقۇغۇچىلار پويىز بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش كارتىسىدىكى پويىزغا ئولتۇرۇش ۋاقتىغا ئاساسەن بېلەت سېتىۋېلىشى كېرەك، پويىزغا ئولتۇرۇش ۋاقتى بويىچە بىلەت سېتىۋالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پويىز بېلىتىنى قەغەز پويىز بېلىتىگە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر