باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل شىنجاڭدا يازلىق ئاشلىق باھاسى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن 12 پۇڭ ئۆستى

2014.06.09 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ بۇ يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ياخشى ۋەزىيەت داۋاملىق ساقلانغان، بۇغدايلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئومۇمەن ياخشى بولغان، داۋاملىق مول-ھوسۇل ئېلىنىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن، مەھسۇلات مىقدارى ۋە تاۋار مىقدارى ماس قەدەمدە ئاشىدىكەن.

  بۇ يىل شىنجاڭدا بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى بىر كىلوگرامنىڭ 2 يۈەن 36 پۇڭ بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىكىدىن 12 پۇڭ ئۆستى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسى، بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم تەرەققىي قىلدى. يېزا ئىگىلىكى تارماقلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل شىنجاڭدا بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 18 مىليون 692 مىڭ 200 مو بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 17 مىليون مولۇق يېتەكچى پىلانى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان، پىلاندىكىدىن 1 مىليون 692 مىڭ 200 مو كۆپ بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر