باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى مۇھىت ئاسراش پەن تېخنىكا خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2014.06.09 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئىيۇن دۇنيا مۇھىت كۈنى جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى جاڭ گاۋلى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو مۇھىت ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى بىلەن جۇڭگو مۇھىت ئۆلچەش باش پونكىتىغا بېرىپ مۇھىت ئاسراش پەن تېخنىكا خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بىرىنچى سەپتىكى پەن تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ھەمدە ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاسراشقا ئالدىن ئىتتىبار بېرىش، ئاسراش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ھەمدە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسى بىلەن مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىلمىي سىستېمىلىق پىلانلاش لازىم. بۇلغىنىشقا جەڭ ئېلان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشنى ياخشى تىزگىنلەش ۋە ئېكولوگىيە مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىشقا ئىرادە باغلاش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش شەكلى ۋە ئىستېمال قېلىپىنىڭ تىپىدا بۇرۇلۇش ياساش لازىم.

  جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئېكولوگىيە مۇھىت ئاسراش بىلەن كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋېتىش مەسىلىسىنى تۈگىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، يىراق بىلەن يېقىننى بىرلەشتۈرۈش، ئۇنۋېرىسال سىياسەتنى يولغا قويۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر