باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئاتا ئانىسى بىلەن ئەگىشىپ كەلگەن 56 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى

2014.06.09 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7- ئىيۇن، مەملىكەت بويىچە 9 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى، مائارىپ مىنىستىرلىقنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل ئاتا ئانىسى بىلەن ئەگىشىپ كەلگەن 56 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان. بۇ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم باشقا جايلاردىن كېلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلىشى. ئۆتكەن يىلى 10 ئۆلكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاتا ئانىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن تەخمىنەن 4500 ئوقۇغۇچى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان. بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە «باشقا جايلاردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان» ئوقۇغۇچى سانى تەخمىنەن 11.3 ھەسسە كۆپەيگەن.

  ئۇنداقتا بۇ خىل ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ يوق؟ دۆلەتلىك مائارىپتىن مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شيامىن ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ليۇ خەيفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن قارىغاندا، ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاش مۇمكىن ، بۇ باشقا جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سىياسىتىنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ھازىر جۇڭگودا كۆچمە نوپۇس كۆپ، تېخنىكا جەھەتتىن باشقا جايدا ئىمتىھان بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلساق، ئاتا ئانىسى بىلەن ئەگىشىپ كەلگەن بالىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشالايدۇ. نۇرغۇن ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىرى، نوپۇسنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر قەدەر قاتتىق شەرت بېكىتتى. ئەمما بەزى يەرلىكنىڭ شەرتى ھەددىدىدىن زىيادە قاتتىق بولۇپ، باشقا جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سىياسىتىنىڭ مۇساپىسىغا توسالغۇ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر