ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ يەر ۋاقتى 8-ئىيۇن ، فىرانسىيە Sainte-Mere-Eglise تا ، 1000 نەپەر پاراشوتچى ئەسكەر ئامېرىكىنىڭ C-47 تىپلىق تىرانسىپورت ئايروپىلانىدىن سەكرەپ ، 1944-يىلىدىكى نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش مەنزىرسىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتىدىن نامايان قىلغان .
بۇ قېتىم فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 6-ئىيۇن باشلانغان بولۇپ ، نۇرغۇن رەھبەرلەر ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر قاتناشتى . پاراشوتتىن سەكرەش پائالىيىتى بىلەن بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاياغلاشتى .