باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭلۇق پىدائىي فېڭ جويىنىڭ شىنجاڭغا بولغان مۇھەببىتى

2014.06.12 02:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چوڭ رامكىلىق كۆزەينەك تاقىۋالغان، كارتون مۈشۈك ئېيىق سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سومكا ئېسىۋالغان بۇ قىز 1988-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئازراق گۇاڭدۇڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدۇ، لېكىن باشقىلارغا ئۆزىنى «شىنجاڭ كېلىنى»دەپ تونۇشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ گۇاڭدۇڭلۇق قىز فېڭ جويى بولۇپ، شىنجاڭدىكى دوستلىرى ئۇنى «جوماگۈل» دەپ ئاتىشىدۇ.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەربىي رايونغا خالىس مۇلازىمەت قىلىش پىلانىنىڭ پىدائىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن فېڭ جويى 2011-يىلى گۇاڭجوۋدىن قەشقەرگە كەلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ تەقدىرى شىنجاڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلاندى.

  ئۇ ۋاقىتتا فېڭ جويى 23 ياشتا بولۇپ، ئەمدىلا گۇاڭدۇڭ چەت ئەل تىلى ۋە تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەنىدى. مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا ئىمتىھانسىز قوبۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ «ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا باردى».

  جاپا-مۇشەققەتكە پۇختا تەييارلىق قىلغان فېڭ جويى پىدائىي دوستلىرى بىلەن گۇڭجوۋدىن يولغا چىقىپ، جېڭجوۋ ۋە ئۈرۈمچىلەردىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەرگە يېتىپ كەلدى.

  خۇشپېئىل فېڭ جويى قەشقەردىكى كۈنلىرىنى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدى. لېكىن ئۇنىڭ يېقىن دوستى كارامەت بۇ «قەيسەر قىز»نىڭ ئاجىزلىقىنى بىلەتتى. كارامەت: «بىز يول بويى ئورۇندۇقلۇق ۋاگوندا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە كەلدۇق، پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن، توكمۇ، سۇمۇ يوق ياتاقتا ياتتۇق. گۇاڭدۇڭدىن قەشقەرگە كەلگىچە بولغان ۋاقىتتا، ھەر بىر ئادەمنىڭ پىسخىك ھالىتى زور پەرقلىق ئىدى. ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى تۇنجى قېتىم كۆردۈم. لېكىن ئۇنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، سالماق ئىدى، ئەزەلدىن ئاغرىنمايتتى. ئۇ تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى». فېڭ جويى: «قەشقەر تۇپرىقىنى دەسسەپ تۇرغاندا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. كوزىچىيار بېشى مەھەللىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن رەڭدار مىللىي مەدەنىيەتنى بايقىدىم. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئاز سۆزلەپ، كۆپ كۆزىتىشنى ئۆگىنىۋالدىم» دېدى.

  شىنجاڭغا جاۋاب قايتۇرۇش

  شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن فېڭ جويى ئىزچىل «شىنجاڭ ماڭا ئېھتىياجلىق» دەپ ئويلايتتى، بىراق شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ تەسىرات ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ :«مۇلازىمەت تاق يۆنىلىشلىك بولمايدۇ، غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا غەربىي رايونمۇ بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، غەربىي رايون بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ‹مۇلازىمەت› قىلىپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇۋاتمامدۇ؟»

  ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن فېڭ جويى شىنجاڭدا قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ ئاتا-ئانىسىغا «ئەگەر توي ئىشىمنى ھەل قىلالىساملا قايتمايمەن، مەندىن ئەنسىرىمەڭلار» دېگەنىدى. مېنىڭ لايىق تاللاشتىكى ئۆلچىمىم بىر ھەربىينى تېپىش، ئۇنىڭ ئۆيى شىنجاڭدا بولسا كەسىپ ئالماشقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شىنجاڭدىن ئايرىلمايمىز، دېدى فېڭ جويى. فېڭ جويى تېزلا ھازىرقى يولدىشى جوۋ نەن بىلەن تونۇشتى، ئۇ قەشقەرلىك ھەربىي ئىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ «شىنجاڭغا كېلىن بولۇش» ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى.

  2013-يىلى پىدائىيلىق مەزگىلى ئاخىرلاشقاندا، فېڭ جويى شىنجاڭدا قىلىش ئۈچۈن، ئومۇمىي نەتىجە جەھەتتە بىرىنچى بولۇپ ئۈرۈمچىدە مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىندى. ئۇنىڭ قەشقەردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي قالدى.

  ئۇ تەشكىلگە قەشقەرگە قايتىپ پىدائىي بولۇپ ئىشلەش ئىلتىماسى سۇندى. فېڭ جويى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «قىلغانلىرىم سىرتقى دۇنيادىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان قاتمال تەسىرىنى بۇزۇپ تاشلاش، بىراق پەقەت ئېغىزدىلا دەپ قويسام بولمىغۇدەك، شۇڭا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەرگە قايتىپ كېتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق سۆزۈمنى ئىسپاتلىدىم.»

  نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ قەشقەرگە قايتىپ كېتىشىنى چۈشەنمىدى، بىراق فېڭ جويىنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ قارارى نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ تاللىشىغا ئوخشاش ئاددىي ئىدى. «بەزىلەر شەرقىي قىسىمدىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە جان تىكىپ ئىشلەشنى تاللايدۇ، بەزىلەر غەربىي رايونلارغا بېرىپ تۆھپە قوشۇشنى تاللايدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يولى، ھەر گۈلنىڭ كۆركى باشقا بولىدۇ ئەمەسمۇ» دەيدۇ فېڭ جويى

  فېڭ جويى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىستىقبالى پارلاق بىر سەھنە، مەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا شاھىد بولىمەن، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتنىشىمەن.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر